Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ژۇكوۋىسكىي
دۇنيا تارىخى
茹柯夫斯基
rú kē fū sī jī
(1) ۋاسلىي ئاندرىيېۋىچ ژۇكوۋىسكىي (1783 - 1852) روسىيىلىكشائىر، ⅨⅩ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدەئۆتكەن رومانتىزمچىلارنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ بىرى. ئوردا ئوقۇتقۇچىسى بولغان. سىياسىي جەھەتتە مۇتەئەسسىپ ئاقسۆڭەكلەر مەيدانىدا تۇرغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھەسرەت - نادامەت ۋە دىنىي پۇراق بىلەن توشقان. <يېزىدىكى قەبرىستانلىق>، <كەچ>، <زەردار بىلەن ئېيسىخېن> قاتارلىق مەرسىيىلىرى، <ليۇدمىلار>، <سىۋېتلانا>ۋە <ئۇخلاپ قالغان ئون ئىككى ساھىبجامال> قاتارلىق باللادىلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا چەت ئەلنىڭ كۆپلىگەن قەدىمكى داستانلىرىنى تەرجىمە قىلغان. (2) نىكولاي ئېگوروۋىچ ژۇكوۋىسكىي (1847 - 1921) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ئالىم. ھازىرقى زامان سۇيۇقلۇق مىخانىكىسى ۋە گاز مىخانىكىسىنىڭ ئاساسچىسى. موسكۋا داشۆسى ۋە ئالىي تېخنىكۇم مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن مەركىزىي سۇيۇقلۇق جىسىم دىنامىكىسى تەتقىقات ئورنىنى تەسىس قىلغان. ئاۋىئاتسىيە مېخانىكىسىنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئايروپىلان قانىتىنىڭ لەيلىتىش كۈچىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى ئۆلچەش قانۇنىنى تېپىپ، ئايروپىلاننىڭ ئەڭ مۇۋاپىق قانات شەكلىنى ۋە پروپېللىر ياپراقچىلىرىنىڭ كەسمە يۈزى قاتارلىقلارنى بەلگىلەپ چىققان. ئۇنىڭدىن باشقا يۈرگۈزۈش تەكشىلىك نەزىرىيىسى، ماشىنا باشقۇرۇش نەزىرىيسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلغان. لېنىن ژۇكوۋىسكىينى <روسىيە ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ ئاتىسى> دەپ ئاتىغان.