Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
朱可夫
دۇنيا تارىخى
ژۇكوۋ
(1896 - 1974) سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى. دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا تېرە ماللار ئىشچىسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن قىزىل ئارمىيىگە قاتناشقان. 1919 - يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1931 - يىلى فرۇنزې ھەربىي ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1937 - يىلى ئۈچۈنچى ئاتلىق ئەسكەرلەر ئارمىيىسىنىڭ كوماندىرى بولغان. ئىككىنچى يىلى بېلوروسىيە ئالاھىدە ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان. 1939 - يىلى مۇڭغۇلىيىدە تۇرۇشلۇق سوۋېت ئارمىيىسى بىرىنچى جۈنتۈەنىنىڭ قوماندانى بولغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئارمىيسى قوماندانلىق شتابىنىڭ ئەزاسى، غەربىي يۆلىنىش ئارمىيسى قوماندانى، دۆلەت مۇداپىئە كومېتىتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن كومىسسارى، ئالىي مۇئاۋىن قوماندان بولۇپ، موسكۋا، ستالىنگراد، كۇرسك ۋە بېرلىن ئۇرۇشلىرىغا قوماندانلىق قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن گېرمانىيەنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئىگىلەپ تۇرغان رايونىنىڭ ئالىي مەمۇرىي ئەمەلدارى ۋە گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1946 - يىلى سوۋېتكە قايتىپ كېلىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋە قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانى بولغان. 1953 - يىلى ستالىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىسترى بولغان، پارتىيە مەركىزىي كومېتىت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1955 - يىلى دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرى بولغان. 1957 - يىلى 6 - ئايدا مەركىزىي پىرىزدىئومىنىڭ ئەزاسى بولغان، شۇيىلى 10 - ئايدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. ئۇنىڭ <ئەسلىمە ۋە مۇلاھىزە> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار