Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
主教
دائىرە: دۇنيا تارىخىئېپىسكوپ
يۇنانچە episkops دېگەندىن كەلگەن، مەنىسى <نازارەتچى> دېگەنلىك. كاتولىك ۋە پراۋوسلاۋىيە دىنىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك روھانىي خادىمى. پاتېرىختىن يۇقرى تۇرىدۇ. ئادەتتە بىر رايون خاراكتىرلىك چېركاۋنىڭ باشقۇرغۇچىسى. ئېپىسكوپلۇق مەرتىۋىسى بەزى ھاللاردا تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ غەيرىي مەرتىۋىلىك دەرىجىلەرگە بۆلۈنىدۇ. مەسىلەن: ئېپىسكوپتىن يۇقىرى تۇرىدىغان ئارخېئېپىسكوپ، پايتەخت ئېپىسكوپى (ياپتەخت ياكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ) قاتارلىقلار. ئېپىسكوپلۇق تۈزۈمى مىلادى Ⅱ ئەسىرلەردە شەكىللەنگەن. ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى كاتولىك مەملىكەتلىرىدە كەڭ كۆلەمدىكى يەرلەرنى ئىگىلىگەن، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئەدلىيە قاتارلىق كەڭ ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولغان. ئېپىسكوپلار پاپاغا بويسۇنغان، ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ پاپاغا بويسۇنۇش دەرىجىسى پاپا بىلەن ئېپىسكوپ ياشاۋاتقان دۆلەتتىكى پادىشاھلىق ھوقۇق ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسىغا باغلىق بولغان. ⅩⅥ ئەسىردىكى دىنىي ئسىلاھات ھەرىكىتىدە، گېرمانىيىدىكى پروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بەگلىكلەر ۋە شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئېپىسكوپلۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلغان. پروتېستانت دىنىنىڭ ئانگلىكان چېركاۋى قاتارلىقلار ئېپىسكوپلۇق تۈزۈمنى يەنىلا ساقلاپ قالغان. لېكىن ئېپىسكوپلار يەنىلا پاپاغا قارام بولماستىن، بەلكى شۇ دۆلەتنىڭ كورۇلىنىڭ پەرمانى بويىچە چېركاۋىنىڭ باشلىقى بولغان.
دىن
zhǔ jiào
基
ئېپىسكوپ، بىشوپ، كاردىنال، باش روھانى، باش خاخام، ئۇسقۇف، رەئىس كاھىن
دائىرە: ئەدلىيەzhǔ jiào
ئېپىسكوپ، راھىبكالانDمائارىپ
zhǔ jiào
ئېپىسكوپ، باش روھانىيDتارىخ
zhǔ jiào
باش روھانىي، ئېكپىسكوپ، كاردىنالDئۇنىۋېرسال
zhǔ jiào
ئېپىسكوپ، باش روھانىي
ئىختىساسلىق
دائىرە: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىzhǔ jiào
مىللەت، دىن، تارىخ
دىن
باش روھانىي
(1) بىر قولنىڭ باشمالتىقىنى چىقىرىپ، كۆكرەك ئالدىغا قويىدۇ. (2) ئىككى قولنىڭ بىگىز بارمىقىنى چىقىرىپ، كۆكرەك ئالدىدا كرېست بەلگىسىنى ھاسىل قىلىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.