Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
朱尔丹
دۇنيا تارىخى
يوردان
مىلادى Ⅵ ئەسىردىكى گوتلارنىڭ تارىخشۇناسى (ئارىئان دېگەن گەپمۇ بار). ئېيتىشلارغا قارىغاندا راۋېنتاغا ئېپىسكوپ بولغانىكەن. <گوتلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى> دېگەن ئاساسلىق ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئەسەر كاسسىئودورۇسنىڭ <گوت تارىخى> دېگەن ئەسىرىنىڭ ئىخچاملىنىشى، لېكىن ئۇنىڭغا ئۆزى ئاڭلىغان - كۆرگەن بەزى تارىخىي ۋەقەلەر، رىۋايەت ۋە ئەپسانىلەر قوشۇلغان. گوتلارنىڭ بالتىق دېڭىزىنىڭ بويىدىن جەنۇبقا كۆچكىنىدىن باشلىنىپ، Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا شەرقىي گوت پادىشاھلىقىنىڭ ۋېزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرغانلىقى بىلەن ئاخىرلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە <رىم تارىخى> دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇمۇ باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىخچاملاش ئارقىلىق پۈتۈپ چىققان.