Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
主动运输
دائىرە: بىئولوگىيەئاكتىپ توشۇلۇش
ھۈجەيرىدە ماددىلارنىڭ مۇھىم بىر خىل توشۇلۇش ئۇسۇلىدۇر. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ماددىلار كونسېنتراتسىيىسى تۆۋەن يۆنىلىشتىن كونسېنتراتسىيىسى يۇقىرى يۆنىلىشكە قاراپ توشۇلىدۇ، يەنى قۇيۇقلۇق گرادىئېنتىنىڭ ئەكسىچە يۆنىلىشى بويىچە بولىدۇ. نۆۋەتتە بۇ بىر ھادىسە ناترىي - كالىي پومپىسى پەرىزىدىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. بۇ تەلىماتتا پەردە ئادېنوزىن ترىي فوسفات (ATP) نى پارچىلايدىغان تىترامېردىن ئىبارەت بىر خىل ئېنزىم Na + K+ ـ ATP ئېنزىم( بولۇپ، ئۇ فوسفاتلاشتۇرۇش - فوسفاتسىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق ATP ئېنزمنىڭ بىر قاتار كونفورماتسىيىلىك ئۆزگىرىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن ئىئونلارنىڭ ئورنىنىڭ يۆتكىلىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. ئاكتىپ توشۇلۇشتا ئېنېرگىيە سەرپ قىلىنىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.