Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
中途岛海战
دۇنيا تارىخى
مىدۋېي ئارىلى ئۇرۇشى
1942-يىل 6-ئاينىڭ 4 - 6-كۈنلىرى ياپونىيە فلوتلىرى بىلەن ئامېرىكا فلوتلىرىنىڭ مېدۋېي ئارىلىنىڭ يېنىدىكى دېڭىز رايونىدا ئېلىپ بارغان دېڭىز ئۇرۇشى. مىدۋېي ئارىلى پيورل - خاربور پورتىنى قوغداپ تۇرىدىغان تەبىئىي توسۇق ئىدى. ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ بۇ ئۇرۇشنى قوزغاشتىكى مەقسىتى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بۇ مۇھىم دېڭىز ئارمىيىسى بازىسىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا تىنچ ئوكياندىكى ئاساسلىق دېڭىز ئارمىيىسى فلوتلىرىنى پاچاقلاپ تاشلا ئىدى. ئۇرۇش، ئاساسەن ھاۋا ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىپ، ياپونىيە ئارمىيىسى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، تۆت ئاۋىئاماتىكىس چۆكتۈرۈۋېتىلگەن. 253 ئايروپىلانى ئۇرۇپ چۈشۈرۈلگەن. دېڭىز ئۇرۇشى نەتىجىسىدە، ياپونىيە تىنچ ئوكياندا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغاش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ستراتېگىيىلىك مۇداپىئە ھالىتىگە كۆچكەن.