Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
中冈慎太郎
دۇنيا تارىخى
ناكا ئوكاشىنتارو
(1838 - 1867) ياپونىيە توكوگاۋا شوگناتىنىڭئاخىرقى مەزگىلىدىكى پادىشاھنى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېتىپ، شوگناتنى ئاغدۇرغۇچى زاتلاردىن. ئەسلى ئىسمى مىچىماسا، ئادەتتىكى ئىسمى كۈچى. ياش ۋاقتىدا ماگاساكى ئائوكىنامى (1834 - 1863) دىن تەلىم ئالغان. 1861-يىلى توساكىننوتوغا قاتنىشىپ، پادىشاھنى ئىززەتلەش، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1862-يىلى 50 كىشىلىك گۇرۇپپا (كېيىن قۇرۇقلۇقتىن ياردەم بەرگۈچى ئەترەتكە ئۆزگەرتكەن) تەشكىللەپ، ئېدو، كوتو قاتارلىق جايلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 1863-يىل 18-ئاۋغۇست سىياسىي ئۆزەىرىشىدىن كېيىن، ناگاسۇغا قېىچپ بېرىپ، ماكا ياسۇئومى، كۇساكا گېنزۇئى قاتارلىقلار بىلەن بىللە، شوگناتنى ئاغدۇرغۇچىلارنىڭ غوللۇق شەخسلىرىدىن بولۇپ قالغان. 1864-يىلدىكى كىممون ئۆزگىرىشى مەزگىلىدە، پىداكارلىق بىلەن جەڭ قىلىپ يارىلىنىپ، كېيىن سادىق باتۇر ئەرتەت باشلىقى بولۇپ سايلانغان. 1866-يىلى سايگو تاكامورى بىلەن كىدو تاكايوشىنىڭ كىيوتودا ئۇچرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساتسۇما - ناگاسۇ شوگناتنى ئاغدۇرۇش ئىتىتپاقىنى قۇرۇشقا ياردەملەشكەن. 1867-يىلى توسا ۋاسساللىقىغا ۋەكىل بولۇپ ساتسۇما ۋاسساللىقىنىڭ ۋەكىلى ئوكۇ بوتوشىمىچى بىلەن كۆرۈشۈپ، ساتسۇما - توسا ئىتىتپاقلىق ئەھدىنامىسىنى تۈزگەن. شۇ يىلى كيوتودا ساكا موتويوما بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلگەن.