Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
支原体
ئۇنىۋېرسال
zhī yuán tǐ
مىكوپلازما
بىئولوگىيە
مىكوپلازما
<باكتېرىيىسىمان پلازما، ئىپتىدائىي پلازمىلىق باكتېرىيە، كۆكرەك پەردە ئۆپكە ياللۇغى باكتېرىيىسىگە ئوخشايديغان مىكرو ئورگانىزم> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ 1967 - يىلى تاكسونومىيىلىك ئورنى ئېنىقلاپ بېكىتىلگەن نىسبەتەن يېڭى ئىپتىدائىي يادرولۇق مىكرولۇق مىكرو ئورگانىزملار توپى. ھۈجەيرە پوستى بولمايدۇ، ھۈجەيرە پەردىسى بولىدۇ، كۆپىيىش ئۇسۇلى ئالاھىدە، مورفولوگىيىلىك شەكلى كۆپ خىل بولىدۇ. تېنى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، دائىم نانومېتر (nm) ئۆلچەم بىرلىكى قىلىنىدۇ، باكتېرىيە فىلتىرلىگۈچتىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئوزۇقلىنىش شەكلى پارازىتلىنىش، ئورتاقلىشىپ ياشاش ۋە چرىندىخورلۇقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ، بەزىلىرى سۈنئىي ئۆستۈرگۈچتە ئۆسىدۇ، بىراق ئوزۇقلۇققا بولغان تەلىپى بىر ئاز قاتتىق بولۇپ، تەركىبىدە قاتتىق ئىسپىرت ياكى ھايۋان قان زەردابى بولغان ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق. باكتېرىيە توپى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، دائىم ئۆستۈرگۈچنىڭ ئاستىغا قىسىلىپ كىرىدۇ. خۇددىي تىپىك چېقىپ مايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇمغا ئوخشايدۇ. مىكوپلازمىنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تۈردىكى مىكوپلازما ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئادەم، ھەر خىل ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى يۇقۇملاندۇرۇپ كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ئادەملەردىكى تىپىك بولمىغان ئۆپكە ياللۇغىنى ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.