Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
秩序党
دۇنيا تارىخى
تەرتىپ پارتىيىسى
1848 - 1851 - يىللىرى فرانسىيىدىكى ئىككى مونارخىستلار گۇرۇھىنى بىرلەشكەن تەشكىلاتى. لۇئى ناپولېئون بونارپارت 1848-يىل 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭى سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، بوربون سۇلالىسىنىڭ ھىمايىچىسى بولغان ئەنئەنىچىلەر بىلەن ئورلېئان سۇلالىسىنىڭ ھىمايىچىسى بولغان ئورلېئانچىلار ئىتتىپاق تۈزگەن، ئۇلار جەمئىيەت <تەرتىپى> نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جۇمھۇرىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پادىشاھلىق تۈزۈمىنى قايتىدىن قۇرۇشنى نىشان قىلغان. شۇڭا <تەرتىپ پارتىيىسى> دەپ ئاتالغان. 1849-يىلىدىن 1951-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشكىچە، بۇ پارتىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ قانۇن چىقىرىش يىغىنىدا رەھبەرلىك ئورنىدا تۇرۇپ كەلگەن، ئۇ يولغا قويغان ئەكسىيەتچى سىياسەتتىن لۇئى بوناپارت پايدىلىنىپ ئىككىنچى ئىمپېرىيىنى قۇرغان.