Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
制宪议会
تارىخ
zhì xiàn yì huì
ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى
دۇنيا تارىخى
ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى
ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى مىللىي پارلامېنت دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قانۇن چىقىرىش ئورگىنى. 1789-يىل 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ۋېرسالدا قۇرۇلۇپ، 10-ئاينىڭ باشلىرىدا پارىژ سېرك تىياتىرخانىسىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. ئەزالىرى مۇرەككەپ بولۇپ، ئاقسۆڭەك تەرەپدارلىرى (يەنى ئىمتىيازلىقلار)، مۆتىدىللەر (يەنى مۇنارخىستلار) ۋە خەلق تەرەپدارلىرى (يەنى ۋەتەنپەرۋەرلەر) دىن تەشكىل تاپقان. ئاساسلىق ئەزالىرى مىرابو، لافايېت باشچىلىقىدىكى ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈم تەرەپدارلىرى. دەسلەپتە ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىش بولغان. ئىنقىلاب داۋامىدا <ئاۋغۇست پەرمانى>، <كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى>، <دىنىي جەمئىيەتنىڭ مال - مۈلكىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش پەرمانى>، <يېڭى مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش توغرىسىدىكى پەرمان>، <فېئوداللىقى مەجبۇرىيەتلەرنى سېتىۋېلىش ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يەرلەرنى سېتىۋېلىش قانۇنى>، <مىسىئونېر پۇقرالارنىڭ تەشكىلىي قانۇنى>، <لې شاپېلېي قانۇنى> قاتارلىق بىر قاتار پەرمانلارنى ئېلان قىلغان. 1791-يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاساسىي قانۇننى ماقۇللاپ، ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈمنى جاكالرىغان، 9-ئاينىڭ 30-كۈنى يېپىلىپ، قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىغا ئۇرۇن بوشىتىپ بەرگەن.