Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
植物组织培养
ئورمانچىلىق
zhí wù zǔ zhī péi yǎng
ئۆسۈملۈك توقۇلمىلىرىنى يېتىشتۈرۈش
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈك توقۇلمىسىنى ئۆستۈرۈش
تەجرىبە بوتانىكىسىنىڭ بىر خىل تېخنىكىسى. يەنى ئۆسۈملۈك تېنىدىن بىر قىسىم توقۇلمىنى ئايرىۋېلىپ ئۆستۈرگۈچتە سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. كەڭ مەنىدىكى توقۇلما ئۆستۈرۈش ھۈجەيرە، توقۇلما ۋە ئورگانلارنى ئۆستۈرۈش ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەندىن ئايرىۋېلىپ ئۆستۈرۈلىدىغان ماتېرىيال ئېكتوفىتوزوما دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، يالغۇز ھۈجەيرە، بۆلۈنگۈچى توقۇلما، جاراھەت ساقايتقۇچى توقۇلما، ۋېگېتاتىۋلىق ئەزا پارچىسى، چاڭدان، گۈل چېڭى، ئۇرۇقدان، تۆرەلمە تۈگۈنى، تۆرەلمە سۈتى، تۆرەلمە قاتارلىقلار. ئۆستۈرگۈچكە ماكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار، مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار، كاربون مەنبەسى (مەسىلەن، ساخاروزا)، كاربون مەنبەسى (مەسىلەن، ساخاروزا)، ۋىتامىن، ئامىنوكىسلاتاسى، ئۆسۈشنى تەڭشىگۈچى ماددا قاتارلىق ئېنىق بولغان بىرىكمىلەر ھەر خىل تەييارلاش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن نىسبەت بويىچە قوشۇلۇپ ياسىلىدۇ، بەزىدە يەنە تەبىئىي تەركىبلەر (نارجىل سۈتى، ياڭيۇ قىەيامى قاتارلىق) لارمۇ قوشۇلىدۇ. ئۆستۈرگۈچنىڭ كىسلاتالىق دەرىجىسى بەلگىلىك بولۇشى كېرەك. قاتتىق ئۆستۈرگۈچكە ئاگار قوشۇپ تىرەك ماددا ئورنىدا پايدىلىنىلىدۇ. يۇقىرى بېسىم ئۇسۇلى ياكى فىلتىرلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ستېرىلىزاتسىيىلىنىدۇ. ئۆسۈملۈك ئورگىنىنىڭ سىرتى ستېرىلىزاتسىيىلەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ئېكتورفىتوزومىنى چىقىرىۋېلىپ ئۆستۈرگۈچكە مىكروبسىز ئىكىلىدۇ. ئۆستۈرۈش ئادەتتە تۇراقلىق تېمپېراتۇرا ۋە بەلگىلىك يورۇق (ياكى قاراڭغۇ) شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى سۈنئىي لايىھىلەنگەن شارائىتتا ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ھۈجەيرە، توقۇلما ياكى ئورگاننىڭ مورفولوگىيىلىك تەرەققىياتىنى، فىزىئولوگىيىلىك بىئوخىمىيىسىنى، سىتولوگىيىلىك ۋە گېنېتىكىلىق ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، ھەمدە ئۇنىڭ مەقسەتلىك ھالدا كونترول قىلىش ۋە پەيدىلىنىشتىن ئىبارەت. ئۆسۈمۈكنىڭ ھايات ھۈجەيرىسى تولۇق قابىلىيەتلىك يېتىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا، تەندىن ئايرىلغان شارائىت ئاستىدىمۇ قايتا ئۆسۈپ مۇكەممەل ئۆسۈملۈك تۈپىگە ئايلىنالايدۇ. ئۆسۈملۈك توقۇلمىسىنى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى كۆپىنچە ئەھۋالدا ئىشلەپچىقىرىشقا بىۋاسىتە ئىشلەتكىلى بولىدۇ