Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
植物的生长和发育
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە يېتىلىشى
ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشى ھۈجەيرىنىڭ كۆپىيىشى ياكى ئۇزىرىشى بىلەن ئىچكى ماددىلارنىڭ توپلىنىشىدىن كېلىپ چىققان ھەجىمىنىڭ ئارتىشى، ئېغىرلىق ياكى ھۈجەيرە سانىنىڭ ئەسلىگە قايتمايدىغان ئارتىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. يېتىلىش ئۆسۈملۈكنىڭ ئورگان، توقۇلما ياكى ھۈجەيرىسىنىڭ ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئۆسۈملۈكنىڭ يېڭى ئارتقان قىسمىنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈش ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدار جەھەتتە ئەسلىدىكى قىسىمدىن روشەن پەرقلىنىدۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ يېتىلىشى ئۆسۈش ۋە دىففېرېنسىيىلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆسۈش بىلەن دىففېرېنسىيىلىنىش يېتىلىش مەزگىلىدە بىر ۋاقىتتا كۆرۈلىدۇ. بىراق بەلگىلىك شاراىت ئاستىدا دىففېرېنسىيىلىنىش بولمىغان ئۆسۈشمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، جاراھەت ساقايتقۇچى توقۇلمىدىكى ھۈجەيرە كاللىكىنىڭ ئۆسۈشىگە ئوخشاش ئەھۋاللار. دىففېرېنسيىلىنىش ئۆسۈملۈك تېنىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پەرقنى كۆرسىتىدۇ. ھۈجەيرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى گېن كونترول قىلىدۇ، شۇڭا توقۇلما، ئورگان ۋە ھەرقايسى قىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئوخشاش بولمىغان گېننىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يېتىلىش ئۆسۈش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا يېتىلىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۆسۈش بىلەن دىففېرېنسىيىلىنىشنىڭ پەرقلىق ئۆسۈش ئومۇمىي ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى. ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىز، غول، يوپۇرماق قاتارلىق ئوزۇقلىنىش ئورگانلىرىنىڭ ئۆسۈشى ۋېگېتاتىۋلىق ئۆسۈش دەپ ئاتىلىدۇ، ھالبۇكى كۆپىيىش ئورگانلىرى (گۈل، مېۋە، ئۇرۇق) نىڭ ئۆسۈشى كۆپىيىش ئورگانلىرىنىڭ ئۆسۈشى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆسۈش بىلەن يېتىلىش بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۆسۈملۈكنىڭ كۆپىيىش ئورگانلىرى يېتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆسىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا، ئوزۇقلىنىش ئورگانلىرىنىڭ ياخشى ئۆسۈشى كۆپىيىش ئورگانلىرىنىڭ ياخشى ئۆسۈشىنىڭ ئاساسى. چۈنكى كۆپىيىش ئورگانلىرىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ۋېگېتاتىۋلىق ئۆسۈش بەك كۈچىيىپ كەتسە بەزىدە كۆپىيىش ئورگانلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز بولۇپ قالىدۇ. كۆپ خىل يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى تەدبىرلىرى ئارقىلىق ۋېگېتاتىۋلىق ئۆسۈش بىلەن كۆپىيىش ئورگانلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كۆپىيىش ئورگانلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق. بۇنداق قىلغاندا يۇقىرى مەھسۇلات ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ