Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
指使部属违反职责罪
قانۇن
zhǐ shǐ bù shǔ wéi fǎn zhí zé zuì
قول ئاستىدىكىلەرنى مەسئۇلىيىتىگە خىلاپ ئىش قىلدۇرۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
قول ئاستىدىكىلەرنى مەسئۇلىيەتكە خىلاپلىق قىلدۇرۇش جىنايىتى
بۇ - ھەربىيلەرنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، قول ئاستىدىكىلەرنى مەسئۇلىيەتكە خىلاپ ئىشنى قىلدۇرۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىي قىسىمنىڭ باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، قول ئاستىدىكىلەرنى مەسئۇلىيەتكە خىلاپ ئىشنى قىلدۇرۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - رەھبەرلىك ئورنىدىكى ھەربىي خادىملار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
427 - ماددا خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، قول ئاستىدىكىلەرنى مەسئۇلىيەتكە خىلاپ ئىشنى قىلدۇرۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.