Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
肢动物
بىئولوگىيە
بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار
<ئارتروپودالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ بىر تىپ. ئۇ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان بىر مىليون نەچچە يۈزمىڭ تۈر ھايۋانلارنىڭ تەخمىنەن 85 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئىندىۋىدلىق سانىمۇ ھەيران قالارلىق كۆپ. بەدىنى ئوڭ - سول سىممېترىك، تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكسىيىسى ئوخشاشمايدىغان نۇرغۇنلىغان تەن بوغۇملىرىدىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ باش، كۆكرەك، قورساقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمنى پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ. بەزى تۈرلىرىنىڭ باش قىسمى بىلەن كۆكرەك قىسمى بىرىكىپ باش كۆكرەك قىسمىغا ئايلانغان ياكى كۆكرەك قىسمى بىلەن قورساق قىسمى بىرلىشىپ گەۋدە قىسمىنى ھاسىل قىلغان. پۇتى بىلەن بەدىنىنىڭ بىرىكىش ئورنى ھەرىكەتلىنەلەيدىغان ئۈگە ئارقىلىق تۇتاشقان، پۇتىنىڭ ئۆزىمۇ بوغۇملارغا بۆلۈنگەن، بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار دېگەن نام شۇنىڭدىن كەلگەن. ئۇنىڭ بەدەن سىرتىدا خىتىن ماددىلىق سىرتقى سۆڭىكى بولىدۇ، مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى ناھايىتى خىلمۇخىل بولۇپ، يۈكسەك ماسلىشىشچانلىققا ئىگە، تارقىلىشى ئىنتايىن كەڭ، يەرشارىدىكى ياشاشقا بولىدىغان ھەر قانداق ئورۇن ھەمدە ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەر تېنىنىڭ ئىچى ۋە سىرتلىرىنىڭ ھەممىسىدە بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. ئاساسلىق سىنىپلىرى؛ قاسىراقلىقلار سىنىپى (مەسىلەن راك، قىسقۇچپاقا)، كۆپ پۇتلۇقلار سىنىپى (مەسىلەن، سەكسەنپۇت، تىركە يەنە مىڭئاياغ). ئۆمۈچۈكلەر سىنىپى (مەسىلەن؛ ئۆمۈچۈك، چايان، سالجا، كانا) ۋە ھاشاراتلار سىنىپى (مەسىلەن؛ پاشا، چىۋىن، پەرۋانە، كېپىنەك) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.