Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
珍珠港事件
دۇنيا تارىخى
پيورل خاربور پورتى ۋەقەسى
ئىكىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيىنىڭ ئامېرىكىنڭ تىنچ ئوكياندىكى دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە بازىسى پيورل خاربور پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان ۋەقە. ياپونىيە جڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشتىن پەيدا بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە كۈچلىرىگە زەربە بېرىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى تەبىئىي بايلىقنى تالان -تاراج قىلىش ۋە شەرقىيي ئاسىيادىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش قوزغىغان. 1941-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى (يەكشەنبە) ئەتىگەن سائەت 7 دىن 55 مىنۇت (يەرلىك ۋاقىت) ئۆتكەندە، ياپونىيىنىڭ گېنېرالى ناندۇن قوماندانلىقىدىكى ئالاھىدە دېڭىز فلوتى دەسلەپتە 183 ئايروپىلاننى ئەۋەتىپ گاۋاي تاقىم ئاراللىرىدىكى پيورل خاربور پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. 8 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە يەنە 117 ئايروپىلان ئەۋەتىپ پيورل خاربور پورتىدىكى ئامېرىكا تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ باشقا ئەسلىھەرلىرىنى بومباردىمان قىلغان. ئامېرىكا ئارمىيىسى تەييارلىقسىز تۇرغانلىقتىن، ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان: سەككىز ئۇرۇش پارفخوتى، ئوكيان چارلاش پاراخوتى، ياردەمچى پاراخوتتىن ئون نەچچىسى چۆكتۈرۈۋېتىلگەن ۋە زەخىملەندۈرۈلگەن. 188 ئايروپىلان پاچاقلاپ تاشلانغان، ئامېرىكىنىڭ 2280 ئادىمى ئۆلگەن. 1109 ئادىمى يارىدار بولغان؛ 68 نەپەر پۇقرا بومباردىماندا ئۆلگەن. ئىككىنچى كۈنى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان، گېرمانىيە، ئىتالىيە ئامېرىكىغا قارشى رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلغان. تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغان.