Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
正义者同盟
دۇنيا تارىخى
ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقى
خەلقئارا خاراكتېردىكى ئىشچىلارنىڭ مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتى. ئەسلىدە گېرمانىيە سىياسىي سەرگەردانلىرىنىڭ مەخپىي تەشكىلاتى <سەرگەردانلار ئىتتىپاقى> ئىچىدىن بۆلۈنۈپ چىققان رادىكار دېموكراتچىلاردىن تەشكىللەنگەن. 1837 - يىلى پارىژدا رەسىمىي قۇرۇلغان. ئەزاسىنىڭ زور كۆپچىلىكى قول سانائەتچىەر، ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋېلھېلم، شاپپىر قاتارلىقلار. يېتەكچى ئىدىيىسى ۋېلھېلمنىڭ خىيالىي كوممۇنىزمى، كېيىنچە <ھەقىقىي سوتسىيالىزم> ۋە پرودونىزمنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. فرانسىيىدىكى بابېئوفچىلار ۋە بلانكچىلار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتتە بولغان. ئۇنىڭ مەقسىتى ھەممە ئادەمنى ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكتىن بەھرىمەن قىلىشتىن ئىبارەت. ئازساندىكى كىشىلەرنىڭ سۈيىقەستچىلىكى ئارقىلىق گېرمانىيىدە كوممۇنىزم جەمئىيىتىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1839 - يىلى 5 - ئايدا، پارىژدا بلانكى رەھبەرلىك قىلغان <تۆت پەسىل جەمئىيىتى> نىڭ سۈيىقەستلىك قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، تەشكىلاتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. 1840 - يىلى رەھبەرلىك مەركىزى لوندونغا يۆتكىلىپ، پائالىيە دائىرىسى كېڭىيىپ، خەلقئارالىق تەشكىلاتقا ئايلانغان. ماركس، ئېنگېلسلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا تار مەزھەپچىلىك ۋە ۋېلھېلمنىڭ خىيالىي كوممۇنىزم ئىدىيىسىنى تەدرىجىي يەڭگەن. 1847 - يىلى 2 - ئايدا ماركس بىلەن ئېنگېلس ئىتتىپاق مەركىزىي ئىجرائىيە كومتىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەتن ئىتتىپاققا قاتناشقان. 6 - ئايدا <كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى> غا ئۆزگەرتىلگەن.