Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
整体复习与部分复习
پسىخولوگىيە
پۈتۈن تەكرارلاش ۋە بۆلۈپ تەكرارلاش
تەكرارلاش ئادەتتە پۈتۈن تەكرارلاش، بۆلۈپ تەكرارلاش ۋە بىرلەشتۈرۈپ تەكرارلاشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ، تەكرارلاشقا تېگىشلىك ماتېرىيالنى تەكرارلاپ بولغىچە بىر پۈتۈن ھالدا تەكرارلاش پۈتۈن تەكرارلاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۆلۈپ تەكرارلاش تەكرارلاشقا تېگىشلىك ماتېرىيالنى بىر قانچە بۆلەكلەرگە بۆلۈپ بىر بۆلۈم، بىر بۆلۈمدىن تەكرارلاشتىن ئىبارەت. بىرلەشتۈرۈپ تەكرارلاش بولسا، بۇ ئىككى ئۇسۇلنى بىرلەشتۈرۈپ تەكرارلاش بولۇپ، تەكرارلاش جەريانىدا ئىككى خىل ئۇسۇل ئارىلاش يەنى گىرەلەشتۇرۇپ قوللىنىلىدۇ. پۈتۈن تەكرارلاش پۈتۈن ماتېرىيالنى چۇشىنىش، ماتېرىيالنىڭ پۈتۈنلۈكنى ساقلاشقا پايدىلىق، لېكىن ۋەزىپە ئېغىر ھەم قىيىن بولۇپ كىشىنى ھاردۇرۇپ، ئىشەنچىنى تۆۋەنلىتىدىغان بولسا، بۆلۈپ تەكرارلىسىمۇ بولىدۇ، بىرلەشتۈرۈپ تەكرارلىغاندا ئىككى ئۇسۇلنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ پۈتۈن تەكرارلاش بىلەن بۆلۈپ تەكرارلاشتىن ياخشى.