Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
政瑰
بىئولوگىيە
ئەتىرگۈل
ئازغان ئائىلىسىگە كىرىدۇ. تىك ئۆسىدىغان چاتقال. شاخلىرى چىڭ، زىچ بولۇپ قاتتىق تۈك ۋە تىكىنى بولىدۇ، كچىىك شېخىدا يۇمشاق تۈك قويۇق ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى 5 - 9 تال، سوقىچاق، گىرۋىكى ھەرە چىشىسىمان، ئۈستى پارقىراق، كۆپ پۈرمىلىك، تۈكسىز، ئاستىنقى يۈزىدە تورسىمان ئاق پاراشوك، قىسقا يۇمشاق تۈك ۋە بەز تەنچىسى بولىدۇ، يۇپۇرماق سېپى بىلەن يوپۇرماق ئوقىدا يۇمشاق تۈك، شالاڭ ئۆسكەن قوۋزاق تىكىنى ۋە تىكەنلىك تۈكچىلەر بولىدۇ؛ تەگلىك يوپۇرمىقىنىڭ كۆپ قىسمى يوپۇرماق سېپىگە يېپىشىپ تۇرىدۇ. گۈلى يالغۇز ياكى بىر قانچە تال توپلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈلى بېغىررەك ئاق، خۇش پۇراق بولىدۇ. مېۋىسى يۇمىلاقراق، قىزىل، سىلىق بولۇپ، كاسا يېرىقى ساقلىنىدۇ. ئەسلى ماكانى جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمى بولۇپ ھازىر ھەممىلا يەردە ئۆستۈرۈلىدۇ. شەندۇڭ، جياڭسۇ، جېجىياڭ ۋە گۇاڭدۇڭدىن ئەڭ كۆپ چىقىدۇ، گۈلى پۇراقلىق ماتېرىيال قىلىنىدۇ ۋە خۇش پۇراق ماي ئايرىپ ئېلىنىپ، يېمەكلىك ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پۇراقلىق ماتېرىيال ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەتىرگۈل يەنە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ گۈلى ۋە يىلتىزى دورىغا قوشۇلىدۇ، يەلنى تەڭشەپ قاننى جانلاندۇرۇش رولى بار.