Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
政党分赃制度
دۇنيا تارىخى
سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ زاڭ بۆلۈشۈش تۈزۈمى
ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيە سىياسىتىدە، يېڭىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان سىياسىي پارتىيە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ۋەزىپسىنى بەدەل قىلىپ تۇرۇپ، ئۆز پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىگە تەيىنلەپ،ھاكىمىيەت بېشىدا بولمىغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئادىتى. زۇڭتۇڭ جېففېرسون (دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن چاغدا باشلانغان؛ 1829 - يىلى جېكسون (جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى) زۇڭتۇڭلۇققا ئولتۇرۇپ دېموكراتلار پارتىيىسى ئەزالىرىنىڭ ئورنىغا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قويغان. ھەرقايسى شتات ھۆكۈمەتلىرى كەينى - كەينىدىن تەقلىد قىلغان. بۇنداق زاڭ بۆلۈشۈش تۈزۈمى ئامېرىكا سىياسىتىگە ئۆز يېقىنلىرىنى ئىشقا قويۇش، خىيانەت قىلىش، ۋەزىپىنى ئادا قىلماسلىق، بىر - بىرىنى قانات ئاستىغا ئېلىشتەك يامان ئىللەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن كېيىن پارلامېنت مەمۇرىي ئەمەلدارلار تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تۈپتىن ئۆزگەرتەلمىگەن.