Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
旃陀罗笈多
دىن
zhān tuó luó jí duō
چەندىرە گۇپتە
دۇنيا تارىخى
چاندارا گۇپتا
(1) قەدىمكى ھىندىستان ماگاتا دۆلىتىدىكى مائۇريا خاندانلىقىنىڭ ئاساسچىسى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 324 - 300 ياكى تەخمىنەن مىلاىدىن ئىلگىرى 321 - 297). كىساترىيا (سودا دېگەن گەپمۇ بار) تائىپىسىدىن كېلىپ چىققان. ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ماكېدونىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنىنى قوغلاپ چىقىرىشقا قاتناشقان، ئۇنىڭدىن كېىن ماگاتا دۆلىتىدىكى ناندا خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى خفنى دانا ناندانى ئۆلتۈرۈپ، يېڭى خانلىق قۇرغان؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇما ئۇريا جەمەتىدىن بولغاچقا مائۇريا خاندانلىقى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 324 ياكى مىلادىدىن ئىلگخرى 321 - 871) دەپ ئاتاغلان، پايتەختى پاتالىپۇترا شەھىرى (ھازىرقى بىخار شتاتىدىكى پاتنا). تەخمىنەن مىلادىدىن 317 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيە ئەسكەرلىرى ھىندىستاندىن چىقىپ كەتكەن، شىمالىي ھىندىستان تۇنجى قېتىم بىرلىككە كەلگەن. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ماگاتا ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ قالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 305 يىل ئىلگىرى، غەربىي ئاسىيادىكى ئارساكلا پادىشاھلىقى ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇققا بېسىپ كىرگەن، ئۇرۇش نەتىجىسىدە سېلېئوسى پادىشاھلىقى ئومۇمەن بۈگۈنكى ئافغانىستان ۋە بەلۇجىستان ئەتراپىدىكى زېمىنىنى ماگاتا دۆلىتىگە بۆلۈپ بەرگەن، ماگاتا دۆلىتى ئارساكلار پادىشاھلىقىغا 500 ئۇرۇش پىلى بەرگەن، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. جىنا دىنى رىۋايەتلىرىدىن قارىغاندا چاندراگۇپتا پادىشاھى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا جىنا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ھەمدە مۇشۇ دىننىڭ قائىدىسى بويىچە ئاچلىق ئېلان قىلىش بىلەن ئۆلگەنىكەن. (2) ھىندىستاندىكى گۇپتا سۇلالىسىنىڭ ئاساسچىسى (مىلادى تەخمىنەن 203 - 330) چاندراگۇپتا Ⅰ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پايتەختى پاتالىپۇترا شەھىرى. لىچىپى مەلىكىسى كوماراتىپ بىلەن توي قىلىش ئارقىلىق لىچىپىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە، ھۆكۈمرانلىقنى بىخارنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە شىمال شتاتى ھەم بېنگالنىڭ بىر قىسىم جفيلىرىغىچە كېڭەيتكەن، ئۇنىڭ ئوغلى سامۇدراگۇپتا.
تارىخ
zhān tuó luó jí duō
جاندىرا گۇپتا