Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
战时造谣扰乱军心罪
جىنايەت ۋە جازا
ئۇرۇش مەزگىلىدە پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ ھەربىيلەرنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇش جىنايىتى
بۇ - ئۇرۇش مەزگىلىدە پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ، خەلق ئاممىسىنى قايمۇقتۇرۇپ، ھەربىيلەرنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىي قىسىمنىڭ ئۇرۇش قىلىش مەنپەئەتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئۇرۇش مەزگىلىدە پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ، خەلق ئاممىسىنى قايمۇقتۇرۇپ، ھەربىيلەرنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرىدىغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
378 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ھەربىيلەرنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.