Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
战时临阵脱逃罪
جىنايەت ۋە جازا
ئۇرۇش مەزگىلىدە جەڭدىن بۇرۇن قېچىپ كېتىش جىنايىتى
بۇ - ھەربىيلەرنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە جەڭدىن بۇرۇن قېچىپ كەتكەن قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئارمىيىمىزنىڭ ئۇرۇش قىلىش مەنپەئىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئۇرۇش مەزگىلىدە جەڭدىن بۇرۇن قېچىپ كەتكەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى بىۋاسىتە ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھەربىي ۋەزىپىدىكى خادىملار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
424 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە جەڭدىن بۇۇرن قېچىپ كەتكەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، جەڭ ۋە ئۇرۇشنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ