Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
詹姆士二世
دۇنيا تارىخى
جامېس Ⅱ
(1633 - 1701)، ئەنگلىيە كورۇلى (1985 - 1688). چارلېس Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختكە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى يورك كىنەزى بولغان. ئەنگلىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە، 1646-يىلى قوشۇنىنى باشلاپ پارلامېنتقا تەسلىم بولغان. 1648-يىلى ياۋروپا قۇرۇقلۇقىغا قېچىپ بېرىپ، فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە ئارمىيىلىرىدە ھەربىي خىزمەت قىلغان، 1660-يىلى تىرىلىشتىن كېيىن ئەنگلىيىگە قايتىپ بارغان. 1668-يىلى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان نەتىجىدە ۋىگ پارتىيىسى بىلەن تورى پارتىيىسىنىڭ ئۇنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىدىكى تالاش - تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1685-يىلى تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، كاتولىك چېركاۋىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى كۈچىنىڭ بارىچە يولغا قويۇپ، مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن. 1688-يىلىدىكى <شانلىق ئىنقىلاب> تىن كېيىن فرانسىيىگە قېچىپ كېتىپ، پروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كۈيئوغلى ۋىليام ئورانگې بىلەن قىزى مارى تەختكە ۋارىسلىق قىلغان.