Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
战国时期
دۇنيا تارىخى
يېغىلىق دەۋرى
ياپونىيە موروتو ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى فېئوداللار ئوتتۇرىسىدا ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى، بىر - بىرىنى يۇتۇۋالغان 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇسنتي پاراكەنچىلىكىدىن (1467) باشلىنىپ، موروتو شوگونلۇقى يوقالغانغا (1573) قەدەر داۋاملاشقان. كاماكۇرا دەۋرىدىن موروتوغىچە بولغان مەزگىلدە شوگنات ھەمدە ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى جايلاردىكى فېئوداللارنى كونترول قىلىش كۈچىدىن مەھرۇم بولغان، مۇھاپىزەتچى تۆرىلەرنى كۆپ قىسمى چىرىكلىشىپ، پەقەت تاكېتا، يېماكاۋا، ئۆتومو ۋە شىمازۇ قاتارلىق جايلارلا قالغان. يېڭى تۆرىلەر باش كۆتۈرگەن، كانتون تەرەپتە خوجۇ، ساتاكى؛ غەربىي شىمالدا ناگائۇ، شەرقىي شىمالدا داتى، ئويانى؛ كىيوسىيۇدا رىيۇگايجى ئىبادەتخانىسى، ئارىما؛ شىكوكۇدا ناكاشىۋابې؛ خونىسىيۇنىڭ جەنۇبىدا ئوراتو، ئۇكامىتا، مورى؛ كىيوساۋانىڭ ئەتراپىدا ئارۇي، ئاساكۇرا، سايتو، شىجىدا، توكۇگاۋا قاتارلىقلار باش كۆتۈرگەن. قاراشلىق سامۇرايلارنىڭ فېئوداللارنىڭ ئورنىغا دەسسەش كەيپىياتى بەكلا ئومۇملىشىپ كەتكەن. ھەرقايسى جايلاردىكى تۆرىلەر ئۆز زېمىنىدا مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، <دۆلەت قانۇنى> نى تۈزۈپ، قەلئەلەرنى ياسىغان، ئەسكەرلەر بىلەن دېھقانلارنى ئايرىپ، يېزىلاردىكى سامۇرايلارنى چەتكە قېقىپ، دېھقانلارنى بىۋاستە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغان. يەر ئۆلچەش ۋە نوپۇس تەكشۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دېھقانلارنى ئىدارە قىلغان شۇنىڭدەك يېڭى يەرلەرنى ئېچىپ، كان مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقارغان، بېكەتلەرنى تەرتىپكە سېلىپ، كېمىسازلىق ئىشلىرىغا مەدەت بېرىپ، تاۋار ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر ئەتراپى بازارلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. يېغىلىقتا ئوردا ئاقسۆڭەكلىرى ۋە راھىبلار، سەنئەتكارلار تەرەپ - تەرەپكە پىتىراپ كەتكەن. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تارقىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. بۇددا دىنىنىڭ كونا مەزھەپلىرى زاۋاللىققا يۈزلىنىپ خوينوربىينى ئىبادەتخانىسىنىڭ تەسىر دائىرىسى كېڭەيگەن. يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان نىسېكو مەزھىپى سودىگەرلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۇ مەزگىلدە ئودا يېيوكو توپىلىڭى، زېداننى توپىلىڭى يۈز بەرگەن. سودا جەھەتتە كېيۇسىيۇدىكى ئومېيئويىنى بىلەن شىكاۋا مەخسۇس مەنپەئەتدارلىق ھوقۇقىنى تالاشقان. 1523 - يىلى (ياپونىيە ئوجۇنىڭ 3 - يىلى، مىڭ سۇلالىسى جياجىڭنىڭ 2 - يىلى) جۇڭگونىڭ نىڭپو دېگەن يېرىدە توقۇنۇش بولغان؛ 1551 - يىى (ياپونىيە تېنبوننىڭ 20 - يىلى، مىڭ سۇلالىسى جياجىڭنىڭ 30 - يىلى) ئويتېسرو ئۆلگەندىن كېيىن، توختاملىق سودا توختىغان. ياپون قاراقچىلىرى جۇڭگونىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىغا ئۈزلۈكسىز تۈردە تاجاۋۇز قىلىپ تۇرغان. كۆپ قېتىم ئۇرۇش ئارقىلىق خوجۇ، تاكېتا، يېماكاۋا، شىجىدا، مورى ۋە شىمازو قاتارلىق تۆرىلەر قېپقالغان، كېيىن جىتيەن شىنجاڭ تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. 1573 - يىلى (ياپونىيىنىڭ تېنىسكى تۇنجى يىلى) جىتيەن شىنجاڭ سىياگۇن كورسېنجۇنى (1537 - 1597) كىيوتودىن قوغلاپ چىقىرىپ، موروتو شوگناتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. بۇ دەۋردە ياپونىيە جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن