Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
扎克雷起义
دۇنيا تارىخى
جاككۇس قوزغىلىڭى
1358 - يىلدىكى فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى دېھقانلارنىڭ فېئوداللىققا قارىش قوزغىلىڭى. ئاقسۆڭەكلەر دېھقانلارنى كەمسىتىپ <جاككۇس>، <سەھرالىق> دېگەن مەنىدە( دەپ ئاتىغانلىقىدىن قوزغىلاڭمۇ شۇنداق ئاتالغان. ⅩⅢ⑨ ⅩⅣ ئەسىرلەردىكى فرانسىيىدە يەر ئىجارىسىگە پۇل تۆلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، فېئوداللار پۇل قوغلىشىپ دېھقانلارغا بولغان ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن. يۈز يىللىق ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن ئېغىر ئالۋان - ياساق، ھەرخىل باج - سېلىقلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، ئەنگلىيە، فرانسىيە ياللانما قوشۇنلىرىنىڭ خالىغانچە تالان - تاراج قىلىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 1348-يىلقى چۇما كېسىلىنىڭ يامراپ كېتىشى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى جىددىي يامانلاشتۇرۇۋەتكەن. فرانسىيە كورۇلى جون Ⅱ ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن، شاھزادە چارلېس )كېيىنكى فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅴ( نىڭ دېھقانلاردىن نورمىدىن سىرت ھاشار يىغىشى قوزغىلاڭنىڭ پىلتىسى بولۇپ قالغان. 1358-يىلى 5-ئايدا بېئاۋايس )پارىژنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا( راونىدا قوزغىلاڭ پارتلاپ، ھەمدە تېز سۈرئەت بىلەن فرانىس، پىكاردى ۋە كامپاگىن قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيگەن. قوغىلاڭچىلارنىڭ رەھبىرى، دېھقاندىن كېلىپ چىققان، ھەربىي تەجرىبىسى مول گۇيىللام كالې. قاتناشقۇچىلار دېھقانلاردىن باشقا يەنە شەھەر ئاھالىلىرى، ئاددىي رىتسارلار ۋە يېزا پوپلىرى بولۇپ، ئومۇمىي ئادەم سانى يىلنامىلەردە خاتىرىلىنىشىچە يۈز مىڭغا يەتكەن. قوزغىلاڭنىڭ ئېنىق پروگراممىسى يوق بولۇپ، شوئارى <بارلىق ئاقسۆڭەكلەرنى يوقىتىش> تىن ئىبارەت. قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ بايرىقىغا كورۇل گېربى بولغان پىيازگۈلىنىڭ سۈرىتى سىزىلغانلىقى ئۇلارنىڭ پادىشاھقا نىسبەتەن خام خىيالدا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. قوزغىلاڭچىلار بارغانلىكى يەردە ئاقسۆڭەكلەرنى ئۆلتۈرۈپ، قەلئەلەرگە ئوت قويۇپ، فېئوداللىق يەر خەتلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. قوزغىلاڭچى دېھقانلار يەنە پارىژ خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىغا ياردەم بەرگەن. ساراسىمىگە چۈشكەن ئاقسۆڭەكلەر فرانسىيە پادىشاھلىقىنى تەمە قىلىپ يۈرگەن ناۋارا كورۇلى چارلېس )ياۋۇز( نىڭ باشچىلىقىدا مىڭلاپ رىتسارنىتەشكىللەپ قوزغىلاڭچىلارنى قىستاپ كەلگەن. 1358-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىككى قوشۇن مېلو بازىرىدا تىركىشىپ قالغانا چارلېس )ياۋۇز( سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. گۇيىللام كالې قەتئىيلىك بىەن ئۇچرىشىشقا بارغاندا، شۇ ھامان تۈرمىگە تاشلانغان. كەينىدىنلا ئاقسۆڭەك قوراللىق كۈچلىرى قوزغىلاكچى دېھقانلارىدن يىرگىرمە مى ئاەدمنى قىرىپ تاشلىغان. گۇيىللام كالېمۇ ئۆلتۈرۈلگەن. قوزغىلاڭ گەرچە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن فرانسىيە دېھقانلىرىنىڭ بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتىن قۇتۇلۇشىغا ياردىمى چوڭ بولغان.