Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
札克.鲁
دۇنيا تارىخى
جاكچۇس روكىس
(1794 - 1952) ياكچۇس روكىس دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى <سەۋدايىلار مەزھىپى> نىڭ داھىيىسى. پەلسەپە، فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1785-يىلدىن باشلاپ پوپ بولغان. 1789-يىلى ئىنقىلاب باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا پارىژغا كېلىپ، يالاڭتۆشلەرگە دېموكراتىك ئىدىيىنى تەشۋىق قىلغان. كېين كوردېلېرىس كۇلۇبىغا قاتناشقان. 1792-يىلى 2-ئايدا، پارىژ ئاشلىق قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان، 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە بولغان قوزغىلاڭغا قاتناشقان. ياكۇبىن ھاكىمىيىتى تىكلەنگەندىن كېيىن، 1793-يىلى ئاساسىي قانۇنغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، خەلق ئۇيۇشمىسىنى نامراتلارنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن. مارات ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، يەنى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى <خەلقنىڭ دوستى، مارات پانھالىقى ئاستىدىكى فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى سىياسىي ئوبزورچىلىرى> ناملىق گېزىتنى چىقىرىپ، <سەۋدايىلار مەزھىپى> نىڭ ئىدىيىلىرىنى تەشۋىق قىلغان. روبېس پيېررې ئۇنى چەت ئەلنىڭ گۇماشتىسى، ئەكسىلئىنقىلابچى دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي پارىژ كوممۇنىسىدىن ھەم كوردېلېرىس كۇلۇبىدىن قوغلانغان. 8-ئايدا ۋە 9-ئايدا ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنغان، كېيىن تۈرمىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.