Uyghurئاساسىي لۇغەت
ژ[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىكى ئون ئىككىنچى ھەرپ. رەت تەرتىپى جەھەتتىن ئون ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ھەرپ. ھازىر زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە بولمىغان ھەرپ بولغانلىقى ئۈچۈن مۇستەقىل فونېما ئەمەس.[CRLF]«ژ» ھەرىپىنىڭ يالغۇز شەكلى ۋە باش ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ژ» ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ژ»، ئاتىلىشى ياكى نامى «ژې» دۇر.[CRLF]«ژ» ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن تىل ئالدى-قاتتىق تاڭلاي تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن سىيرلاڭغۇ تاۋۇش، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشتۇر.[CRLF][CRLF]«ژ» تاۋۇشنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى[CRLF][CRLF]1. ئۇيغۇر تىلىدىكى «ژ» تاۋۇشى «ي» تاۋۇشنىڭ ۋارىيانتى بولۇپ، بەزى شىۋىلەردە «ئى، ئۇ، ئۈ» تاۋۇشلىرىنىڭ ئالدىغا كەلگەن «ي» تاۋۇش «ژ» تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ، لېكىن سۆز مەنىسىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. مەسىلەن:[CRLF]يىل − ژىل، يىلان − ژىلان[CRLF]يۇلۇن − ژۇلۇن[CRLF]2. ئاخىرى «ج» تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان بىر قىسىم سۆزلەر يەككە ھالىتىدە تۇرغاندا، ھەمدە ئاخىرىغا ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلىنىدىغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندىمۇ، نۇتۇقتا «ژ» غا نۆۋەتلەشتۈرۈلۈپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئەمما ئىملادا ئەكس ئەتتۈرۈلمەيدۇ. مەسىلەن:[CRLF]ئىملاسى تەلەپپۇزى[CRLF]باج-باجگىر، باجخانا باژ-باژگىر، باژخانا[CRLF]كاج-كاجىلىق، كاجراق كاژ-كاژلىق، كاژراق[CRLF]3. كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بوغۇمى «ج» تاۋۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسا ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىنكى بوغۇمنىڭ بېشى «ج»، «ر» دىن باشقا تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان بولسا «ج» تاۋۇش يەنىلا «ژ» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]ئىملا تەلەپپۇزى[CRLF]ۋىجدان ۋىژدان[CRLF]ئۈجمە ئۈژمە[CRLF]ھىجران ھىجران[CRLF]مۇنەججىم مۇنەججىم