Uyghurئاساسىي لۇغەت
زەررە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەڭ ئۇششاق بۆلەك، زەررە، ئاتوم:
ئازغىنە، كىچىككىنە؛ قىلچە؛ ناھايىتى ئاز.
نۇر، قۇياش نۇرلىرى:
ئاھلار كىم ئارەزىڭ مېھرىدە چەكسەم،
زەررەدەك،
ئايۇكۇن بەلكىم توقۇز چەرخى بەرىننى تىترەتۇر.
ئەرشى.
2. ئاتەشى ئىشىق ئىچرە قالدىم مەن سەمەندەردەك بولۇپ،
زەررە قالماي پاك قۇرۇپدۇر تەندىكى قانىم مېنىڭ.
موللا بىللال.
3. بۇ يەڭلىغ قىلىپدۇر جەۋاھىرنى پاش،
ساچار زەررەسىنى بەئەينى قۇياش.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
چاڭ، غۇبار، ئاتوم؛ ئۇۋاق، ئۇششاق، ئازغىنا، كىچىككىنە: زەررە - زەررە - كىچىك - كىچىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى <خىم> ماددىلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنەر - كۆرۈنمەس ئەڭ كىچىك بىرلىكى.
سۈپ. ئىنتايىن ئاز، بەك كىچىك، كىچىككىنە، زەررىچە.
ياساۋۇللار زەررە ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي بوۋاينى شاھنىڭ ئالدىغا ھەيدەپ كەپتۇ.