Uyghurئاساسىي لۇغەت
زەرف
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىدىش، كوزا، كاسا:
كىيىپدۇر بويىغە لىباس بەلەند،
كۆرۈنگەي زەرف ئەل كۆزىگە پىسەند.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
تۆكۈلدى جان سۈيى تەن زەرفى سۇندى،
فەنا بولدى، يىقىلدى ھەم كۆڭلى تىندى.
خىرقىتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قاچا، كوزا، ئىدىش؛ قاپ، كونۋېرت؛ ئېرىغ مال سېلىنىدىغان قوتىچە.