Uyghurئاساسىي لۇغەت
زەرداب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
جاراھەتتىن ئاققان سېرىق سۇ، زەرداب:
ئىچىپدۇر سۇ تىكەن گويا زەھەردىن،
تىگەر زەرداب ئاقار جانۇ جىگەردىن.
خىرقىتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۆت سويۇقلۇقى؛ يىرىڭ سۇيى (يارىدىن ئاققان).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چاقا - يارىدا پەيدا بولىدىغان سېرىق - يېشىل رەڭلىك سۇيۇقلۇق.
<زەرداپ> قان ئارىلاش، سېرىق بولىدۇ.
ۋاقتىدا تاڭمىغان يارا يىرىڭ يىغىدۇ. بەدىنىڭگە ئوق قادالسا، يۇلۇپ ئالارسەن، يۈرىكىڭدىكى زەردابنى قانداق قىلارسەن؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
كۆڭۈل ئېلىشقاندا ياكى قەي قىلغاندا ئېغىزدىن يانىدىغان ئاچچىق سېرىق سۇ.
جاراھەتلەنگەن، يارىلانغان ئورگاندىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان ياكى ئۇنىڭدا يىغىلىپ قالىدىغان سۇيۇقلۇق.
ئەجەب بىر زامان بولدى، ئالەم چۆرگىلەي دەيدۇ. يۈرەكتىكى زەرداب سۇ، قانغا ئۆرۈلەي دەيدۇ.
كۆچمە. دەرد - ئەلەم، ئازاب - ئوقۇبەت، خاپىلىق.
زەرداب يۇتماق. زەرداب قىلماق. زەرداب بولماق.