Uyghurئاساسىي لۇغەت
زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار
دائىرە: ئۇيغۇر ئەسەرلىرىبۇ، تېيىپجان ئېلىيوپ شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1979 - يىل 11 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا شائىرنىڭ <شەرق ناخشىسى>، <تىنىچلىق ناخشىسى>، <تۈگىمەس ناخشىا>، <ۋەتىنىمنى كۈيلەيمەن> قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلمىگەن ھەم كېيىن يازغان بىر قىسىم شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. توپلامغا بىر مۇنچە سىياسىي لىرىكىلاردىن باشقا، يەنە بىر قىسىم مۇھەببەت لىرىكىلىرى ۋە تەبىئەت لىرىكىلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.