Uyghurئاساسىي لۇغەت
زەنجىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
زەنجىر، كىشەن:
ئەگەر بويۇنۇمغە زەنجىرى قولۇمغە يۈز كەمەند ئولغاي،
بەناگاھ دېدمەندىغە تەرەف نادەردمەند ئولغاي.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كىشەن، ئىشكال: زەنجىر خانە - قاماق، زىندان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
مېتال ھالقىلارنىڭ رەتلىك ھالدا بىر - بىرىگە ئۆتكۈزۈلگەن تىزمىسى.
تۆمۈر زەنجىر. سائەت زەنجىرى.
تەلۋە تەپسە زەنجىر ئۈزەر (ماقال).
ئىشىك ۋە ياكى دەرۋازىلارنى تاقاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئىلگەك.
ئاتلىق ئەسكەر قىلىچنىڭ سېپىنى تاشلاپ، ئېگەردىن ئېڭىشتى - دە، ئىشىكنىڭ زەنجىرىنى ئاچتى.
مەھبۇسلارنىڭ قولى، پۇتى ياكى بوينىغا سېلىنىدىغان تۆمۈر ھالقا؛ كىشەن.
<ماشىن> ۋېلىسىپىت، موتسىكلىت ۋە تۈرلۈك مېخامىزملاردىكى ھەرىكەت ئۇزارتقۇچى قۇرۇلما. ئادەتتە كىچىك - كىچىك بۆلەكلەرنىڭ بىر - بىرىگە تەرتىپ بويىچە چېتىلىشى ئارقىلىق تۈزۈلىدۇ.
ۋېلىسىپىت زەنجىرى. زەنجىر تاپان تراكتور.
<فىز> ئۈزلۈكسىز سىستېما ياكى لىنىيە ھاسىل قىلغۇچى ئېلېكتر ئەسۋابلىرى بىرىكمىسى.
ئېلېكتر زەنجىرى.
<خىم> خىمىيىۋى بىرىكمىلەردىكى ئېلېمېنت ئاتوملىرى بىلەن باغدىن تۈزۈلگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ بىرىكىش ھالىتىنى كۆرسىتىدىغان سخېما.
كۆچمە. ئاسارەت، قۇللۇق.
جاھالەت زەنجىرى.