Uyghurئاساسىي لۇغەت
زەندىيە سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
پرسىيىدىكى شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ مۇسۇلمان سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. نادىرشاھ 1747 - يىلى قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، پرسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى زەند قەبىلىسى بىلەن بەختىيار قەبىلىسى سەفەۋىيە سۇلالىسىدىكى ئىسمائىل 3 (1750 - يىلىدىن 1753 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ) نى پادىشاھ قىلدى. 1753 - يىلى زەند قەبىلىسىدىكى كەرىمخان (1750 - يىلىدىن 1777 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) چوڭ ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، نايىب پادىشاھ بولۇپ، ئىسمائىل Ⅲ نى تۈرمىگە سالدى. شىرازىنى پايتەخت قىلدى. 1754 - يىلى ئەزەربەيجاننى بويسۇندۇردى. 1758 - يىلى قەجەر قەبىلىىسنى بىتچىت قىلدى. 1760 - يىلى پرسىيىنىڭ خۇراساندىن باشقا ھەممە يېرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 1775 - يىلىدىن 9177 - يىلىغىچە بەسرە رايونىنى ئىشغال قىلدى. كەرىمخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە شىئە مەزھىپىنىڭ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، شىئە مەزھىپىدىكى ئۆلىمالارنى قوغدىدى. شىرازىدا بازار ۋە مەسچىتلەرنى سېلىپ شەيخ سەئىد ۋە خوجا ھافىز قەبرىگاھلىرىنى ياساتتى. ئىگىلىك ۋە تاشقى سودىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. كەرىمخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىچكى جەھەتتە پۇت تېپىشىپ، سۇلالە ئۇزۇنغىچە مالىمانچىلىق ئىچىدە قالدى. ئاخىر قەجەر قەبىلىسىدىكى ئاغامۇھەممەد (1720 - 1797) تەرىپىدىن يوقىتىلدى.