Uyghurئاساسىي لۇغەت
زەن
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئوي، پىكىر؛ گۇمان، شەك.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
خوتۇن، ئايال؛ زەن خانەدار - ئائىلە ئايالى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنسانلار ئىككى جىنىسنىڭ بىرى، بەدىنىدە ئانىلىق ئۇرۇق يېتىشتۈرەلەيدىغىنى.
ئەقىللىق، تەدبىرلىك بولسا گەر ئايال، قولىدىكى يىڭنىسى يا ئوق مىسال. دىل ئارامى ياخشى بولسا گەر خوتۇن، يامان بولسا ئۇندىن خۇدا ساقلىسۇن. ھەممىلا قىز ياخشى بولسا، يامان خوتۇن نەدىن كەلدى؟ قىزنىڭ رايىنى ياندۇرۇش ئەرنىڭ ئىشى ئەمەس.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
خوتۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئوي، پىكىر؛ خىيال، زېھىن؛ نەزەر، دىققەت.
زەن سالماق. زەن قويماق