Uyghurئاساسىي لۇغەت
زەمزەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
توختاتقان؛ توختا.
مەككىدە كەبە شېرىپ يېنىدىكى بىر بۇلاق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
توختاتقان؛ توختا؛ مەككىدە كەبە شېرىپ يېنىدىكى بىر بۇلاق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەككىدىكى كەبىگە يېقىن بۇلاق، جەننەتتىكى ئېرىقتىكى سۇ. مۇسۇلمانلار مۇقەددەس سۇ دەپ ھېسابلايدۇ.
قارىغۇ يىلانغا زەمزەممۇ شىپا بولماس. تۇغۇلغان يەرنىڭ تېشى گۆھەر، سۈيى كەۋسەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەككە شەھىرىدىكى كەبىنىڭ يېنىغا جايلاشقان مەشھۇر قۇدۇق. مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ سۈيىنى تەۋەررۇك ھېسابلاپ ئىچىدۇ ۋە ئۆز يۇرتلىرىغا ئەكېتىدۇ.