Uyghurئاساسىي لۇغەت
زەمبۇرۇغ قالپىقى
بىئولوگىيە
قالپاقلىق زەمبۇرۇغلاردىكى خالتىلىق سپورا تېنىنىڭ ئۇچىدىكى كۈنلۈكسىمان ياكى دوپپىسىمان تۈزۈلۈش. ئۇ زەمبۇرۇغ سېپىنىڭ ئۇچىغا جايلىشىدۇ، ئۇنىڭ ئاستىنقى يۈزىدە زەمبۇرۇغ قاتلىقىدىن ئۆسۈپ چىققان، بازىدىيىلىك سپورا ھاسىل قىلىدىغان تۈزۈلۈش (خالتىلىق سپورا قەۋىتى) بولىدۇ. لېنتىنۇس موگۇسى، موگو قاتارلىقلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىلىنىدىغان تەخسىسىمان قىسىمى زەمبۇرۇغ قالپىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.