Uyghurئاساسىي لۇغەت
زەفەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
غەلىبە، غەلىبىنىڭ، زەپەر:
بەخت، ئىقبال:
تۇرۇپ ۋەئدىسىگە ئاڭا بەردى زەر،
بەلا ھادىسدىنكى تاپتىم زەفەر.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
خۇداۋەندە بەردى چۇ فەتھى زەفەر،
نىگاھىمغە تۈشتى يەنە بىر شەھەر.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
غەلىبە، يېڭىش.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
غالىپ، زەپەر قۇچقۇچى؛ بەختلىك، سائادەتلىك. باشقا شەكىللىرى: زەفەربەگ، زەفەرجان.