Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
زىچ تۇتىشىش
بىئولوگىيە
紧密连接
jǐnmìliánjiē
ھايۋان ھۈجەيرىلىرى ئارىلىقىدىكى بىر خىل تۇتىشىش شەكلىدۇر. زىچ تۇتاشقان ئورۇندىكى ئىككى ھۈجەيرىنىڭ پلازما پەردىلىرى ئىنتايىن مۇھىم يانداش بولۇپ، ھەر قايسى بىرلىك پەردىنىڭ سىرتقى قەۋىتى كىچىك ياپراقچىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەندەك بولىدۇ، ئوتتۇرىسىدا بوشلۇق بولماستىن، مەھكەم چاپلىشىپ كەتكەچكە ھۈجەيرىلەر ئاسانلىقچە ئاجرالمايدۇ، ھەر بىر تۇتاشقان ئورۇننىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 ~ 400 مىللىمكرون كېلىدۇ. بۇ خىل تۇتىشىش سوزۇلۇپ، پۈتۈن ھۈجەيرىنى ئوراپ چىقىدۇ - دە، بەزى ئورگانلارنىڭ ھۈجەيرىلىرى، مەسىلەن، ئۈچەي دىۋارىدىكى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى قاتارى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئاستىنقى قىسمى پېچەتلىنىپ، ئەركىن يۈزى بىلەن ئايرىلىپ تۇرغانلىقتىن، كىچىك يېپىق بەلباغ دەپمۇ ئاتالغان. بۇ خىل تۇتىشىش ئاساسەن يېپىش رولىنى ئويناپ، چوڭ مولېكۇلىلارنىڭ ھۈجەيرە ئارىلىقلىرىدا خالىغانچە ئۆتۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ھۈجەيرىلەر ئارا تۇتىشىشنى ساقلاش رولىنى ۋە ئورگان ياكى توقۇلمىلارنىڭ ئىچكى قىسمىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.