Uyghurئاساسىي لۇغەت
زات
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەسل، ماھىيەت، ئاساس.
تەڭرى ئىگە ساھىب:
جىسىم، گەۋدە:
2. خالىن ئىزدەپ داغ تاپتىم، زاتىن ئەيلەپ كۆپ شەفېئ،
چۈنكى، شەيئىللاھ چېكىپ شائىل درىەم ئۆزرە تىلەك.
ئەرشى.
يار مەلەك نىشاندىۇرلار ئىشىق زاتىدىن تەمام،
ئەرشىيا، كەل، جامى مەي ئىچكىل مۇھەببەت سارىدىن.
ئەرشى.
3. دېدىڭ ۋەيرانە خۇبدۇر گەنجى زاتىم ئاسراماقىغە،
بۇ ئەرمەسمۇ ئىدى مۇلكى ۋۇجۇدۇمنى خەراب ئەتتىڭ.
گۇمنام.
4.سەبا سوردى سېنىڭ ئاتىڭ نە بولغاي،
خەبەر بەرگىن ماڭا زاتىڭ نە بولغاي.
خىرقىتى.
ئىنسان تەبىئىتى، شەخسىيەت؛ كېلىپ چىقىش، نەسىل - نەسەب:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نەرسە؛ شەخس؛ يارىتىلىش، نىگىز، تەگ، ئۇل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېتىشكەن، تونۇلغان كىشى.
دۆلەت ئەربابلىرى _ دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى. توغرىلىقتىن كېلەر ھەممە ياخشى ئات، ئەگرىلىكتىن پايدا كۆرمىدى بىر زات. مەشھۇر زات. ئالىي زات. تارىخىي شەخس. ئۇلۇغ شەخىسلەر كەمتەر، ئېھتىياتچان كېلىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماددىدىن تۈزۈلگەن، مەلۇم ماكاننى ئىگىلىگەن نەرسە.
سۇيۇق جىسىم، قاتتىق جىسىم، گاز جىسىم. ئەينەك يورۇقلۇق ئۆتكۈزگۈچ جىسىم. ئىسمى بار، جىسمى يوق. ھەر زاتكى ،بولغاي، بىر جايدا تۇرغاي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
بىر ئۇرۇق - ئەجدادتىن تارالغان نەسىل، ئەۋلاد.
ياخشىدىن زات قالىدۇ، ياماندىن داد (ماقال).
كېلىپ چىقىش.
ئەسلىي زاتىڭنىڭ دېھقان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇما.
بىرەر ئىش - ھەرىكىتى ۋە خۇسۇسىيىتى بىلەن باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئادەم؛ شەخس.
مەشھۇر زات. ئالىي زات.
جىنس.
مەخلۇق بىرەھىم چۈشۈرۈپ پەرمان، ئەركەك زاتىنى قويمىدى ئامان.