Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
造墓者起义
دۇنيا تارىخى
گۆركارلار قوزغىلىڭى
قەدىمكى مىسىردىكى 20 - سۇلالە دەۋرىدە تېبېس پادىشاھ قەبرىسىنى ياسىغۇچى ئۇستىلار ۋە قول ھۈنەرۋەنلەرنىڭ فىرئەۋىن ئەمەلدارلىرىغا قارشى كۈرىشى. ئۇلار فىرئەۋىن ئەمەلدالىرىنىڭ ئوزۇقلۇقىنى تۇتۇپ قېلىشىغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، تۇتمۇس Ⅲ بىلەن رامسېس Ⅱ نىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئىشغال قىلىپ، ئەمەلدارلار ۋە كاھىنلارنى قورشىۋېلىپ، ئاشلىق بېرىشنى غەزەپ بىلەن تەلەپ قىلغان، فىرئەۋىننى ھەقىقەتەن <يامان ئىش> قىلدى، دەپ ئاشكارا ئەيىبلىگەن. ھۆكۈمرانلار نائىلاج ئۇلارغا 50 تاغار ئاشلىق بەرگەن. پەرەز قىلىنىشىچە، قوزغىلاڭ ئاخىر باستۇرۇلغان.