Uyghurئاساسىي لۇغەت
زالىم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
زۇلۇم قىلغۇچى، زالىم؛ ئادالەتسىز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەھىم - شەپقەتنى بىلمەيدىغان، كىشىگە زۇلۇم سالىدىغان كىشى.
زالىمنى پەقەت زالىم جازالايدۇ. زالىم ھەممىدىن بەتتەر قورقۇنچاق. ئەزگۈچى بىلەن مۇرەسسە قىلىش _ جىنايەت. زومىگەرنىڭ غەلبىسى ئۇزۇنغا بارماس. زومىگەرنىڭ قولىدىكى بىلىم _ مەستنىڭ قولىدىكى قېلىچ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
كىشىلەرگە جەبىر - زۇلۇم سالىدىغان، كىشىلەرنى ئېزىدىغان، رەھىمسىز.
زالىم ۋەزىر. زالىم بەگ.
زالىمنىڭ زۇلمىدىن ساقلا، پادىشاھنىڭ ھۆكمىدىن (ماقال).