Uyghurئاساسىي لۇغەت
زاكات
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسلام پەرزلىرىنىڭ بىرى. مالدار كىشى مېلىنىڭ قىرىقتىن بىرىنى كەمبەغەللەرگە ياكى دىنىي مەھكىمىلەرگە بېرىش؛ روزا ئېيىدا گۇناھلاردىن ساقىت بولۇش يۈزىسىدن بېرىلىدىغان خەير - ساخاۋەت.
زاكىتى برىلمىگەن مال شەرىئەتتە پاك ئەمەس. كەمبەغەللەرگە پىتىر بېرىش مۆمىننىڭ ئىشى. كاپارەت بەرسەڭ، گۇناھىڭ كېمىيىدۇ.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرزنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن سەدىقات بولۇپ، <ئاللانىڭ ئەمرى بىلەن بەلگىلەنگەن> دىنىي سېلىقتۇر يەنى سەدىقە بېجىمۇ دېيىلىدۇ. <زاكات> دېگەن سۆزنىڭ زاھىر مەنىسى <پاك> دېگەنلىك بولىدۇ. زاكات بېرىش ئارقىلىق مال - مۈلۈكنى پاكلاش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە مۇنداق دېيىلگەن: <... زاكات بېرىدىغان ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدىغان، ياخشى ئىش قىلغۇچى كىشىلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر. ئاشۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) پەرۋەردىگارىنىڭ توغرا يولىدا بولغۇچىدۇر...> (31 - سۈرىنىڭ 5 - ئايىتىدىن). بۇنداق ئايەت قۇرئاننىڭ 80 نەچچە يېرىدە چىقىدۇ. دەسلەپ ئىختىيارەن سەدىقە بېرىش بولغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، ئەمەل قىلىنىدىغان پەرز قىلىپ بېكىتىلدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر يىللىق كىرىمى (جۈملىدىن تۇراقسىز ۋە تۇراقلىق مۈلكى) دىن قىلغان كىرىمىنىڭ ساپ ئېشىنچىسى مەلۇم سانغا يەتكەندە ئوخشىمىغان نىسبەت بويىچە زاكات بېرىشى كېرەك. تاۋار نەق پۇلنىڭ زاكىتى 5.2 پىرسەنت بولىدۇ؛ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ 5 پىرسەنت 10 پىرسەنتقىچە بولىدۇ؛ چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كان مەھسۇلاتلىرىنىڭمۇ لايىقىدا زاكات نىسبىتى بولىدۇ. لېكىن ئەڭ يۇقىرى زاكات نىسبىتى بولمايدۇ. ئادەتتە يىلدا بىر قېتىم زاكات ئېلىنىدۇ. دەسلەپ خەلىپىگە مۇسۇلمانلاردىن دىنىي نام بىلەن يىغىۋېلىنىدىغان سېلىق بولۇپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، مەسچىت سېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلگەن. ئاساسىي پرىنسىپى ئۆشرەگە ماس كېلىدۇ. ئىسلام دىنىدا بولمىغان دۆلەتلەردە مۇسۇلمانلار ئەمەل قىلىدىغان دىنىي مەجبۇرىيەت بولۇپ، دۆلەتنىڭ بېجىدىن ئايرىۋېتىلىدۇ. باشقا باجلارغا ئارىلاشتۇرۇلمايدۇ. شەخسلەرنىڭ ئىختىيارەن سەدىقىسىگىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئىسلام دۆلەتلىرى ياكى رايونلىرىدىمۇ زاكات ئېلىش ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: <زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلاغا، ئاللانىڭ يولىغا، ئىبنى سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللانىڭ بەلگىلىمىسىدۇر... (9 - سۈرىنىڭ 60 - ئايىتىدىن). ئۆزى بېقىۋاتقان تۇغقانلارغا زاكات بېرىشكە بولمايدۇ. ئەر - خوتۇنلارمۇ بىر - بىرىگە زاكات بېرىشكە بولمايدۇ. سەدىقىنى ئالغانلار ئۆزىنىڭ سەدىقە ئېلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلسا، سەدىقىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
>دىن< ئىسلام دىنىدا مال، پۇلغا ئىگە بولغانلارنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم پۇل ۋە مال - مۈلكىنىڭ 40 تىن بىرىنى غېرىب - غۇرۋالارغا، كەمبەغەل - مۇساپىرلارغا بېرىدىغان خەير - سەدىقىسى.
زاكات بەرمەك. زاكات ئالماق.