Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
再洗礼派
دۇنيا تارىخى
قايتا چوقۇنۇش تەرەپدارلىرى
خرىستىئان مەزھەپلىرىنىڭ بىرى، مۇرىتلاردىن ياش - قۇرامىغا يەتكەندە قايتا چوقۇنۇشنى تەلەپ قىلغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1519 - يىلى شۋېتسارىيىدە مەيدانغا كېلىپ، بارا - بارا ئوتتۇرا ياۋرۇپا ۋە غەربىي ياۋرۇپاغا تارقالغان. ئۇنىڭ مەقسىتى دەسلەپتە كاتولىك چېركاۋلىرىنىڭ مەرتىۋە تۈزۈمى، سۈرەت - ھەيكەللەرگە چوقۇنۇش ۋە بەزى دىنى قائىدە - يوسۇنلارنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش بولغان بولسا، كېيىن تېخىمۇ ئىلگىرلەپ بايلىق توپلاش ۋە ئىجتىمائىي تەڭسزلىكنى ئەيىبلەپ، مال - مۈلۈك (ئىستېمال ۋاستىلىرىنى كۆرسىتىدۇ) ئومۇم ئىگىدارلىقىدا بولغان مەڭگۈلۈك <تەڭرى دۆلىتى>نى قۇرۇشنى ئۈمىد قىلشتىن ئىبارەت. نامرات قول سانائەتچىلەر، نىمكارلار، دېھقانلار، يەنە بىر قىسىم مەدەنىيەتلىك كىشىلەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرى ئاساسىي ئامما بولغان. مۇرىتلىرىنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، ئىچكى قىسمىدا گۇرۇھ ۋە مەزھەپمۇ كۆپ بولغان. زۋىكائۇ شەھىرى (ساكسونىيىدە، سابىق دېموكراتىك گېرمانىيەنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى) گېرمانىيىدىكى قايتا چوقۇنۇش تەرەپدارلىرىنىڭ مەركىزىي قىلىنىپ، نىكولاس ستوخ رەھبەر بولغان. مۇرىتلىرى مۇنزېرنىڭ تەسىرى بىلەن، 1524 - 1525 - يىللىرىدىكى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشىغا ئاكتىپ قاتناشقان. كېيىن ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ۋەھشىيلىك بىلەن زىيانكەشلىك قىلىشىغا ئۇچرىغان. ⅥⅩ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى، كۈرەش يەنە بىر قېتىم يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، مۇنستېر كوممۇنىسى قۇرۇلغان. قايتا چوقۇنۇش تەرەپدارلىرى يەنە نېدىرلاندىيە، ئەنگلىيە، موراۋىيە، چېخ ۋە ۋېنگرىيىلەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان.
دىن
zài xǐ lǐ pài
基
ئانەباپتىسلار مەزھىپى، قايتا باپتىس قىلغۇچىلار مەزھىپى، قايتا تەئمىد قىلغۇچىلار مەزھىپى