Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
再认法
پسىخولوگىيە
تونۇش كۆرۈش ئۇسۇلى
بۇ ئەستە ساقلاشنى ئۆلچەش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، يەنى تەجرىبە قىلىنغۇچىلارنى توغرا، يەنە قىسمەن ناتوغرا جاۋابكار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلاردىن توغرا جاۋابنى تونۇپ چىقىش تەلەپ قىلىنىدۇ. مەسىلەن: 20 پارچە رەسىم بىر - بىرلەپ كۆرسىتىپ بولۇنغاندىن كېيىن مەلۇم ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ، ھېلىقى رەسىملەرگە كۆرسەتمىگەن رەسىملەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئاندىن يەنە بىر - بىرلەپ كۆرسىتىپ، تەجرىبە قىلىنغۇچىدىن كۆرگەن - كۆرمىگەنلىكى سورىلىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ جاۋاب بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئادەتتە ئىلگىرى كۆرسىتىلگەن ماتېرىيال «كونا» غىدىقلىغۇچ دەپ ئاتىلىدۇ. «كونا» غىدىقلىغۇچقا ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلغان ماتېرىيال «يېڭى» غىدىقلىغۇچ دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا، نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بۇنى مەلۇم فومىلا بىلەن ئىپادىلىسەك مۇنداق بولىدۇ: N/خاتاسى - توغرىسى=نومۇرى
N سىناشتا تونۇتۇپ كۆرۈلگەن كونا، يېڭى غىدىقلىغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى، يەنى كونا غىدىقلىغۇچى بىلەن يېڭى غىدىقلىغۇچنىڭ يىغىندىسى. «توغرىسى» ھەممە غىدىقلىغۇچلاردىن توغرا جاۋابكارلارنىڭ ساننى، بۇ كونا غىدىقلىغۇچلاردىن «كۆردۈم» دېگەن جاۋاب بىلەن يېڭى غىدىقلىغۇچىلاردىن «كۆرمىدىم» دېگەن جاۋابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «خاتاسى» ھەم يۇقىرىقىدەك ھېسابلىنىدۇ، تونۇتۇپ كۆرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھاسىل قلىنغان ئەستە ساقلاش نىسبىتى ئەسلىتىپ كۆرۈش ئۇسۇلىنىڭكىدىن يۇقىرى، بۇنىڭ سەۋەبى بىلىش ئوبيېكتى كۆز ئالدىدا بولمىغان ئەسلەشتىن، بىلىش ئوبيېكتى كۆز ئالدىدا تۇرغان تونۇشنىڭ ئوڭايلىقتىن بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئۇسۇل دەرستە كۆپرەك قوللىنىلىپلا قالماستىن، تەجرىبىخانىدىمۇ قوللىنىلىدۇ، لېكىن بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا، كونا - يېڭى ماتېرىياللارنىڭ ئوخشاشلىق دەرىجىسىنى ھېسابقا ئېلىش لازىم. ئوخشاشلىق دەرىجىسى قانچە چوڭ بولسا، پەرق ئېتىش شۇنچە تەس بولىدۇ.