Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
زايمىس
دائىرە: دۇنيا تارىخى扎伊米斯
zhā yī mǐ sī
(1855 - 1936) گرېتسىيە زۇڭتۇڭى (1929 - 1935). ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. گېرمانىيە ۋە فرانسىيىدە قانۇن ئۆگەنگەن. لوندون، پارىژ ۋە بېرلىندىكى بانكا ساھەسىدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ. كۆپ قېتىم دۆلەتلىك بانكىنىڭ دېرىكتورى بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىلگىرى - كېىن بولۇپ 10 قېتىم باش ۋەزىر بولغان، 1929-يىلدىن باشلاپ جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭى بولغان. 1935-يىلى 10-ئايدا، ئانارخىست فاشىستلارنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشىگە ياردەملىشىپ، پادىشاھلىق تۈزۈمىنى تىرىلدۈرگەن. ۋېنادا ئۆلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.