Uyghurئاساسىي لۇغەت
زاھىت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەركىي دۇنيا بولۇپ، ئىبادەتخانىلاردا تائەت - ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى.
«راھىب»، «ماناخ» لار ناسارادىن چىقىدۇ.
«شەيخ» گۆرىستاندا بولىدۇ.
«دەرۋىش»، «زاھىت» مۇسۇلمانلاردىن چىقىدۇ.
«تويىن»، «ساڭ» خەنزۇچە: 憎 ،道人 . بۇددىستلاردىن چىقىدۇ.
كاسايا كىيگەننىڭ ھەممىسى راھىب ئەمەس. ماناخ مائاش دېمەيدۇ. شەيخلارغا تەسەللىنىڭ ئالاقىسى يوق، ئېشەك مۈڭگۈز دېسە، خام خىيال قۇرۇق. خالتىدا نېمە بارلىقىنى دەرۋىش ئۆى بىلەر. زاھىتقا سەللە كېرەك ئەمەس، ئاشىققا دەللە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<دىن> تەركىدۇنيا بولۇپ، دۇنيانىڭ راھەت - پاراغەتلىرىدىن ۋاز كەچكەن، تائەت - ئىبادەتكە بېرىلگەن ئادەم.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
<زاھىد>