Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
زاگرېپ
دۇنيادىكى شەھەرلەر
萨格勒市
sà gé lè shì
يۇگوسلاۋىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. خورۋانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر ساۋا دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان. ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 668 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەر سېلىم دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاغنىڭ ئارقىسىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن زاگرېپ دەپ ئاتالغان. زاگرىپ 1093 - يىلى سېلىنغان، 19 - ئەسىردە شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. ھازىر ئۇ يۇگوسلاۋىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى. ئۇنىڭ ماشىنىسازلىق سانائىتى (ئېنېرگىيە ماشىنىلىرى، ستانوك ئىشلەپچىقىرىش) دۆلەت بويىچە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا مېتاللۇرگىيە، توقۇمىچىلىق، خىمىيە، نەشرىيات، تېرە - خۇرۇم قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. زاگرېپ يۇگوسلاۋىيىنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. بۇ جايدا 1669 - يىلى سېلىنغان نۇرغۇن مەشھۇر مەدەنىيەت ئورۇنلىرى بار. ھەر يىلىنىڭ 4 -، 9 - ئايلىرىدا بۇ جايدا خەلقئارا كۆرگەزمە ئېچىلىپ تۇرىدۇ. زاگرېپ — يۇگوسلاۋىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇھىم قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى، بۇ جايدىن تارقالغان بىر قانچە تارماق تۆمۈريول، تاشيوللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە، ئىتالىيە، ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارغىلى بولىدۇ.