Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
زابېرن ۋەقەسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى查贝伦事件
chá bèi lún shì jiàn
1913-يىلى گېرمانىيە ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالساسې - لوررانې خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلىش ۋەقەسى. گېرمانىيە ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتى نېمىسلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، 1911-يىلى <ئالساسې - لوررانې ئاساسىي قانۇنى> دا مەزكۇر رايوننىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئالساسېدىكى زابېرن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1913-يىلى 11-ئايدا، ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەت دائىلىرى مەزكۇر رايوندا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەن ھەمدە يەرلىك ئاھالىلەرنى تۇتقۇن قىلغان ۋە ئۆلتۈرگەن. بۇ ۋەقە گېرمانىيە خەلقىنىڭ كۈچلۈك غەزەپ - نەپرىتىنى قوزغاپ، مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى ئاممىۋى ھەرىكەت قانات يايغان ھەمدە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي كۈرىشى بىلەن بىرلىشىپ شىددەتلىك كۈرەش دولقۇنىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.