Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېزىتقۇچ
پسىخولوگىيە
بۇ پسىخولوگىيىدە ئېكىسپېرمىنتال تەجرىبە ئىشلىگەندە قوللىنىدىغان ئەسۋاب. بۇ خىل ئەسۋابنىڭ تۈرى جىق. ئۇ ياغاچتىنمۇ، مېتالدىنمۇ ياسىلىدۇ. بۇ .ەسۋابنىڭ ئىچىدە بىر قانچە يول بولۇپ بەزىسى تۇيۇق، بەزىسى ئەگرى ماڭسا ئىلگىرىكى جايغا كېلىپ قالىدىغان، بەزىسى بىر بېشىدىن ئىككىنچى بېشىغا چىققىلى بولىدىغان قىلىپ ئىشلىگەن. ئەسۋابنىڭ ئىككىنچى ئاغزىدا يېمەكلىك قويۇپ بىرىنچى ئاغزىدىن چاشقان كىرگۈزۈلسە، چاشقان نۇرغۇن قېتىم خاتالاشقاندىن كېيىن ئاخىرى ئۇدۇل يولنى تاللىۋالىدۇ. بۇ ئەسۋابتا چاشقان قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ توغرا يولنى تەدرىجىي تاللاش جەريانىنى كۈزەتكىلى بولىدۇ.