Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئىزو ئېلېكترىك فوكۇسلاش
بىئولوگىيە
等点聚焦
děngdiǎnjùjiāo
بەلباغلىق ئېلېكترو فورېزنىڭ ئۆزگەرتىلگەن بىر خىل يېڭى ئۇسۇلى. ئېلېكتر مەيدانىدا ئىككى خۇسۇسىيەتلىك ئېلېكترولىت (مەسىلەن، Ampholine) تىن ئىبارەت بەزى تىرىك ماددىنىڭ PH گرادىئېنتى ھاسىل قىلىشىدىن پايدىلىنىپ، ئېنىقلىنىدىغان ئىككى خۇسۇسىيەتلىك ئەۋرىشكىنى ئېلېكتر مەيدانىدا ھەرىكەتلەندۈرگەندە ئۇلارنىڭ ئىزوئېلېكترىك نۇقتىسىغا ئوخشايدىغان PH گرادىئېنتىغا كەلگەندە ھەرىكەتلەنمەستىن بەلباغ ھاسىل قىلىدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن ئايرىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئىزوئېلېكترىك فوكۇسلاش پەرق ئېتىشچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بىر خىل ئايرىش ئۇسۇلى بولۇپ، ئىككى خۇسۇسىيەتلىك ئېلېكترولىت بىرىكمىلەرنىڭ ئىزو ئېلېكترىك نۇقتىسىنى ئېنىقلاش، ئەۋرىشكىنىڭ ساپلىقىنى ئانالىز قىلىش ھەمدە ئەۋرىشكە تاللاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىتىلىدۇ.